بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟

بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟
بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟2019-يلى 9-ئايدا بىلوگگېر Andrew Levitt ئەپەندى Reddit مۇنبىرىدە ئۆزىنىڭ ئىككى دوستى بىلەن بىر ھەپتىلىك تاشيول ساياھىتىنى تاماملىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۆتكەن 5 يىلدىكى macOS مەشخۇلات سىستېمىسىنىڭ ھەر قايسى نەشىرىدىكى سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىملىرىنى نەق مەيدان ئوخشىتىپ تارتقانلىقىنى ئىيتقان.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ گۇرۇپپا ئامىرىكىنىڭ سانتا كاتالىنا ئ‍ارىلىغا بېرىپ macOS Catalina سىستېمىسىنىڭ تەگلىك رەسىمىنى ئوخشىتىپ تارتقان، ۋە جەرياننى تولۇق سىنغا ئالغان. Levitt ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ قانداقتۇر بىر ئوت شەخىس بولۇپ كىتىش ئەمەس بەلكى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قىززىقىشى ئىكەنلىكىنى ئىيتقان. Levitt نىڭ ئالما مەشخۇلات سىستېمىسى تەگلىكلىرىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئىشتىياقى بار ئىدى.
بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟ئادەتتە ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىم تاللىشى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. macOS نىڭ نەشىر ئىسىملىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىمۇ تەگلىك رەسىملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟ئالدىنقى نەچچە يىلدا، macOS ئىزچىل مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى macOS سېستېمىسى قوشۇمچە نامى قىلىپ قىلىپ كەلدى. مەسىلەن 10.6 نەشىرى Snow Leopard (يىلپىز)، 10.7 نەشىرى Lion (شىر) قاتارلىقلار. بۇ ھايۋانلار ئىنتايىن يېقىن ئارلىقتىن تارتىلغان. 10.9 نەشىرىگە Sea Lion (دېڭىز شىرى) دەپ نام قويۇلماقچى بولۇپ كىيىن كالىفورنىيە شىتادىكى مەنزىرە نامىنى ئىشلىتىش قارار قىلىنغان.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟2013-يىلى macOS 10.9 دىن باشلىنىپ ئالما مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلاردىن ۋاز كېچىپ، كەلگۈسى 10 يىلدىكى macOS سېستېما قوشۇمچە نامىغا كالىفورنىيە شىتادىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى ئىسىملىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىملىرىمۇ مەنزىرە رەسىملىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ دەل Levitt قاتارلىق ھەۋەسكارلارغا «ئوخشىتىپ تارتىش» پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟توغرا كىلىپ قالغىنى، Levitt دەل كالىفورنىيە شىتاتى سان خوسې شەھىرىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئالمىنىڭ باش شىتابىغا ئىنتايىن يىقىن ئىدى. ئالما سۈكۈتتىكى تەگلىك قىلىپ بىكىتكەن مەنزېرە رەسىملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى مەنزىرە ئورنىمۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە يېقىن ئىدى. لىنيەنى بېكىتىۋالغاندىن كىيىن بىر قېتىملىق سەپەر بىلەن نەچچە نەشىردىكى macOS نىڭ سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىملىرىنىڭ ئەمەلىي مەنزىرە ئورنىغا يىتىپ بېرىپ ئوخشىتىپ تارتىشنى تاماملىغىلى بولاتتى.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟ئوخشىتىپ تارتىش خىزمىتى بىر ئادەم بىلەن تاماملىنىشى تەس بولۇپ، Levitt ئۆزىنىڭ ئىكىك يېقىن دوستى Jacob Phillips ۋە Taylor Gray نى ياردەمگە چاقىرىپ، ئۈچەيلەن بىر ھەپتىدە ئۆتكەن 5 يىلقى بارلىق macOS نەشىرلىرىدىكى سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىملىرىنى ئوخشىتىپ تارتىشنى تاماملىغان.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟قارىماققا بۇ ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنىدۇ، گەرچە Levitt تەگلىك سۈرەتلىرى تارتىلغان جايىنى بىلىدىغان بولسىمۇ، سۈرەتكە تارتىشقا بولىدىغان كونكىرت ئورۇن ۋە بۇلۇڭلارنى ئۆزى تېپىشقا توغرا كىلەتتى. سۈرەت تارتىشنىڭ ئۆزى قىيىن ئەمەس، بەلكى ئورۇن ۋە ۋاقىت تاللاش قىيىن ئىدى.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟بىر قېتىم ئۇلار macOS Mojave نىڭ قۇملۇق تەگلىك سۈرىتىنى تارتىش ئۈچۈن پىيادە ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپمۇ macOS تەگلىكىگە ئوخشايدىغان ئوپمۇ-ئوخشايدىغان قۇملۇق تاغ ئارقا كۆرۈنىشى تاپالمىدى. ئاخىرىدا ئۇلار قوياش پاتاي دەپ قالغاندا ئاندىن بۇ مەنزىرىنى بايقاپ نىشان سۈرەتكە ئوخشاش ئۈنۈمدە تارتالىغان.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟ئەلۋەتتە ھەر قېتىملىق ئوخشىتىپ تارتىش ئەسلىدىكى تەگلىك سۈرەتكە ئوپمۇ-ئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن macOS El Capitan ۋە High Sierras نىڭ تەگلىك سۈرىتىنى تارتقاندا، Levitt نىڭ سۈرەتكە تارتقان ۋاقتى 7-ئايدا بولۇپ، بۇ چاغدا ئاق قارغا چۆمۈلگەن تاغ چوققىلىرى يوق ئىدى. ئەتراپىدىكى ئورمانلىق ئوت-چۆپلەرمۇ يېشىل ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئالما ئەتىرىتى بۇ مەنزىرىلەرنى قىش پەسلىدە سۈرەتكە تارتقان ئىدى.
بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟2019-يىلى macOS Catalina ئېلان قىلىنغاندا Levitt ئالمىنىڭ تەشۋىق فىلىمىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئالما ئەتىرىتىنىڭ سانتا كاتالىنا ئ‍ارىلىدىن مەنزىرە ئالغانلىقىنى پەرەز قىلغان. بۇ مەنزىرە سۈرەتنى تارتىش ئاسان ئەمەس ئىدى. يۇقىرى بوشلۇقتىن پەسكە قارىغان [تەڭرى كۆرۈش بۇلۇڭى] ئۇسلۇبىدىكى سۈرەتنى پەقەت بوشلۇقتىن تارتقىلى بولاتتى. بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟بۇلار يەنە Google Earth ئارقىلىق Catalina ئارىلىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆزىتىپ كونكىرت ئورۇننى بىكىتتى.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟ئاخىرىدا، Levitt ۋە ئۇنىڭ ئىككى دوستى ئاۋۋال كىمە ئارقىلىق ئارالغا چىقىپ 24 مىلدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ئارالنىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىغا يىتىپ بېرىپ، تىزگېنەكلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بۇ مەنزىرىنى تارتىشنى تاماملىغان. بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟ئارال ھاۋا بوشلۇقىدىكى كۈچلۈك شامال ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ خىزمىتىگە خىلى كاشىلا بولغان. ئاخرىىدا ئۇلار مۇۋاپپىق ئېگىزلىك ۋە بۇلۇڭنى تىپىپ چىققان.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟ئۇلارنىڭ Catalina تەگلىك سۈرىتىنى ئوخشىتىپ تارتىشى ئالما ئەتىرىتىنىڭ تارتقىنىغا ئىنتايىن يېقىنلاشقان.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟بىر نەچچە قېتىملىق بوشلۇقتىن تارتىش سېنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن Levitt ئەتىرىتى Big Sur نىڭ سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىمىگە قاراپ يەنە بىر قېتىم تەرگە چۆمدى. بۇ جايدا ئۇچقۇچىسىز ئۇچقۇلارنىڭ ئۇچىشى چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ قېتىم تىك ئۇچارغا تايانماقتىن باشقا تاللاش يوق ئىدى.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟«تەلەيمۇ كىشىنىڭ قەلبىدىن كىلىدۇ». بۇ قېتىم ئۇلار ئالاقىلەشكەن تىك ئۇچار ئۇچقۇچىسى دەل ئىلگىرى ئالما ئەتىرىتىنى ئىلىپ مەنزىرە تارتىشقا چىققان ئۇچقۇچى ئىدى.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟بۇ Levitt ئەتىرىتىنىڭ ئورۇن، ۋاقىت ۋە مۇۋاپپىق بۇلۇڭ ئىزدەش ۋاقتىنى تىجەپ بەردى. ئاخرىدا ئۇلارنىڭ تارتقان Big Sur سۈرىتىمۇ ئالما ئورگان تەرەپ تارتقان Big Sur تەگلىك رەسىمىدىن قىلىشمىغۇدەك چىقتى.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟ Levitt ئەتىرىتى ئۆزىنىڭ «ئوخشىتىپ تارتىش» خىزمىتى جەريانىدا بىر تەگلىك سۈرەت تارتىشنىڭ چېنلىقى ۋە قېيىنلىق دەرىجىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئىدى.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟ئەلۋەتتە بەزى تەگلىك سۈرەتلەر ئەمەلىي ئورۇندىن تارتىلغان كىيىن مۇۋاپپىق ئىش قوشۇلۇپ بەزى [ئارتۇقچە نۇقتىلار] چىقىرۋىتىلەتتى. چۈنكى تەگلىك رەسىم ئۈستەل يۈزى سىن بەلگىلىرى، خەت قاتارلىق ئىلمىنىتلارغا كۆتۈل بۆلمىسە بولمايدۇ. شۇڭا ئەمەلىي تارتىلغان سۈرەتكە ئاز تولا ئىش قوشۇشمۇ زۆرۈردۇر.
بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟بۇ رەسىم بەلكىم ھەممىمىزگە تونۇش، Windows XP نىڭ كىلاسسىك كۆك ئاسمان يېشىل يايلاق تەگلىك سۈرىتى.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟بۇ رەسىمدە قويۇق ئىش قوشۇلغان پۇرىقى بولسىمۇ، لىكىن فوتوگېراف Charles O’Rear ئەپەندى 1996-يىلى كالىفورنىيە سونوما ناھىيىسىدە تارتقان.  كىيىن بۇ سۈرەتكە مىكروسوفىتنىڭ كۆزى چۈشۈپ 100 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى باھا بىلەن نەشىر ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟ئەمدى يەنە Windows 10 نىڭ دەرىزە ۋە نۇر تەگلىك سۈرىتىگە قارىساق، بۇ ھەرگىزمۇ دېتالدا ياسالغان بولماستىن بەلكى ئەمەلىي تارتىلغان. بىر پارچە تەگلىك سۈرەت تارتىش قانچىلىك قىيىن؟مىكروسوفىت ئەتىرىتى ئەينەك تاختىدىن نۇر ئۆتكۈزۈپ، لازىر نۇر، تۇمان ماشىنىسى، نۇر سۈزگۈچ، چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ تەگلىك سۈرەتنى تارتىپ چىققان.
تەگلىك سۈرەت تارتىشقا نىسبەتەن بۇلار ھەقىيقەتەن ئەستايىدىل ئىدى. بەلكىم كىلاسسىك ئەسەرلەر مۇشۇنداق بارلىققا كىلىدىغاندۇ…

ئەسلى مەنبە: LearnFans

© نەشىر ھۇقۇقى
THE END
يارىغان بولسا قوللاپ قويمامسىز!
يۈرەك1 ھەمبەھىرلەش
ئىنكاس بىرىنچىلىكنى تالىشىڭ

تىزىملىتىپ كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ

    ھېچقانداق ئىنكاس يوق ئىكەن