مۇشتەرى بولۇش تۈزۈمىدىكى ئەپ بازىرى Setapp

مۇشتەرى بولۇش تۈزۈمىدىكى ئەپ بازىرى Setappمۇشتەرى بولۇش تۈزۈمىدىكى ئەپ بازىرى Setappمەك ئىشلتىدىغانلاغا ئايانكى، بەزى چاغلاردا پەخىرلىنىپ ئىشلىتىدىغان مەك ۋېىندوۋىسقا ئوخشاش ئۇنچىۋالا «香» ئەمەس. دائىم ھەقلىق دېتال سېتىۋالىدىغان ئەھۋالغا يولۇقۇپ تۇرىمىز. لىكىن بەزى دېتاللارنى نەچچە ئون دوللار ياكى بىرە يۈز دوللارغا سېتىۋىلىش بەزى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېغىر كىلىشى مومكىن، ئىشلەتمەي دېسە تېخى، ئىشلىتەي دېسە تېخى. ئەلۋەتتە، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى ساغلام (پۇلى بار) لارغا نىسبەتەن ھەقلىق دېتال سېتىۋىلىش ئۇنچە ئېغىر كەلمەيدۇ.
مەك ئىشلتىدىغانلار CleanMyMac دېتالىنى ئوبدان بىلىدۇ. CleanMyMac دېتالىنى MacPaw يۇمشاق دېتال شىركىتى ياسىغان بولۇپ، MacPaw نىڭ  CleanMyMac دىن باشقا يەنە Gemini، CleanMyDrive قاتارلىق داڭلىق دېتاللىرى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان MacPaw يېڭىچە مىتودتىكى ھەقلىق دېتال سۇپىسى Setapp نى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
مۇشتەرى بولۇش تۈزۈمىدىكى ئەپ بازىرى SetappSetapp بولسا مۇشتەرى بولۇش مىتودىكى ھەقلىق ئەپ بازىرىدۇر. بۇ يەردە بىز دېتالغا ئەمەس بەلكى Setapp ئەپ بازىرىغا ئايلىق، پەسىللىك، يىللىق مۇشتەرى بولۇش ئارقىلىق Setapp دىكى بارلىق دېتاللارنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالايمىز. نۆۋەتتە Setapp دە 180 گە يېقىن كۆپ ئۇچرايدىغان ھەقلىق دېتال بار، ئايلىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 9.99 دوللار. خەلق پۇلىغا ئايلاندۇرساق تەخمىنەن بىر تەخسە داپەنجىنىڭ پۇلى.
Setapp نىڭ مۇشتەرى بولۇش تۈزۈمى قىسقا مۇددەتتە ھەقلىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باققۇسى ياكى قىسقا مۇددەتلا ئىشلىتىش زۆرۈرىيىتى بولغان دېتاللارنى سېتىۋىلىشتىكى ئاقىلانە تاللاش دىيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار، ياكى يېڭىدىن مەك ئىشلىتىشكە باشلىغانلار ئۈچۈن.مۇشتەرى بولۇش تۈزۈمىدىكى ئەپ بازىرى Setappمەسىلەن دېتالنى بىر يىللىق سېتىۋالغان بىلەن يىغىپ ئىشلىتىدىغان ۋاقتىڭىز بەلكىم بىر ئايغىمۇ يەتمەسلىكى مومكىن، بۇنداق ۋاقىتلاردا Setapp كە ئايلىق مۇشتەرى بولۇش ئارقىلىق ھاجەت بولغاندا ئىشلىتىپ، ھاجەت بولمىغاندا مۇشتەرى بولۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرساق بولىدۇ. يەنى كىلىپ Setapp تە بىرلا دېتال ئەمەس يۈز نەچچە خىل دېتال بار.مۇشتەرى بولۇش تۈزۈمىدىكى ئەپ بازىرى Setappناۋادا بۇ يېڭىچە ھەقلىق دېتال سۇپسىغا قىززىقساڭلار Setapp ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلار ئۈچۈن Setapp ئورگان بېتىنى زىيارەت قىلغايسىلەر.https://setapp.com
مۇشتەرى بولۇش تۈزۈمىدىكى ئەپ بازىرى Setapp2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، Google قايتا تەشكىللەنگەنلىكىنى جاكارلىدى، Sundar Pichai يېڭى Google شىركىتىنىڭ CEO لىقىغا تەيىنلەندى.مەھسۇلات دىرېكتورىدىن Google CEO لۇق ئورنى قانچىلىك يىراقلىقتا؟ Pichai 11 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىنى ئىسپاتلىدى.
2004-يىلى،Pichaiمەھسۇلات دېرىكتورى سۈپىتىدە Google غا كىردى، ئەڭ دەسلەپتە ئۇ پەقەت Google قورال ئىستونىنىڭ مەھسۇلات دېرىكتورىغا مەسئۇل بولدى. خىزمەت ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا Chrome تۈرى قوزغالغاندا Chrome تۈرىنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلەندى. Chrome تور كۆرگۈچنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ئەگىشىپ، Pichai نىڭ ئىقتىدارى يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.Google غا كىرگەن 7-يىلى Pichai شىركەتنىڭ مۇئاۋىن لىدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلدى، ئارقىدىن يەنە GoogleAPs، Android، ئىزدەش، خەرىتە، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، Google+، ئېلان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يادرولۇق مەھسۇلاتلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، تەدرىجىي ھالدا Google دىكى «ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس» كە ئايلاندى.2015-يىلى، Google نىڭ ئىككى قۇرغۇچىسى Larry Page بىلەن Sergey Brin يېڭى پاي كونترول شىركىتى Alphabet نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، يېڭى Google شىركىتى Alphabet نىڭ تارماق شىركىتى بولدى، Pichai ئەسلىدىكى Google نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرىلىقىدىن يېڭى Google نىڭ CEO سىغا ئايلاندى.

ئەسلى مەنبە: LearnFans

© نەشىر ھۇقۇقى
THE END
يارىغان بولسا قوللاپ قويمامسىز!
يۈرەك0 ھەمبەھىرلەش
ئىنكاس بىرىنچىلىكنى تالىشىڭ

تىزىملىتىپ كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ

    ھېچقانداق ئىنكاس يوق ئىكەن