macOS Big Sur قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش تەسىراتىتۈنۈگۈنكى WWDC20 يېغىنىدا ئەڭ يېڭى macOS مەشخۇلات سىستېمىسى Big Sur ئېلان قىلىنغان ئىدى.Big Sur سۆزى كالىفورنىيە شىتاتىدىكى بىر كوچا نامى بولۇپ ئامىرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئىنتايىن گۈزەل بىر مەنزىرە رايونى.بۇ قېتىم Big Sur دە سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈز لايىھە قايتىدىن لايىھەلىگەن،تېخىمۇ مول سىلىق ھەرىكەت لايىھەسى،تېخىمۇ بىرلىككە كەلگەن لايىھەلەش ئۇسلۇبى ۋە زامانىۋىي ئىددىيە سېڭدۈرۈلگەن. كۆرۈنمە يۈز جەھەتتە يۈكسەك ھالدا iOS سىستېمىسىغا يېقىنلاشقان دىيىشكە بولىدۇ.
يېڭى macOS نىڭ جامالىغا مەپتۇن بولغان مەن تېخى رەسمىي يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ سىناق نۇسخىسىنى قاچىلاپ سىناشنى باشلىۋەتتىم. دەسلەپكى قەدەمدە Big Sur نى مۇۋەپپەقيەتلىك قاچىلاپ بولدۇم.تۆۋەندە يېڭى macOS سىستېمىسى Big Sur سىناق نۇسخىسىنى قاچىلاشنى ئورتاقلىشاي.
* 2017-يىلنىڭ Macbook pro كومپىيوتېرى * ئەڭ يېڭى رەسمىي نەشىردىكى macOS Catalina سىستېمىسى
ئاۋۋال macOS Big Sur 11.0 سىستېمىسى يېڭىلاش ياردەمچىسىنى چۈشۈرىمىز.مەنزىل: http://m6.pc6.com/xuh6/macOSDPBAccessUtility.dmgقاچىلاش ياردەمچىسىنى قوزغىتىپ كۆرسەتمە بويىچە كېيىنكى قەدەمنى بېسىپ قاچىلاش مەشخۇلاتىنى تاماملايمىز. جەرياندا بەلكىم باشقۇرغۇچى پارولى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى مومكىن.قاچىلاش ياردەمچىسى قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن سىستېما يېڭىلاش كۆزنىكىدىن يېڭىلاشنى ئىجرا قىلساق ئالاھەزەل ئون نەچچە مىنۇتلاردا سىستېما ھۆججىتى چۈشۈپ بولىدۇ.قاچىلاش كۆزنىكىدىن سىستېما قاچىلىنىدىغان قاتتىق دىسكا رايوننى تاللاپ جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن سىستېما قاچىلىنىشقا باشلايدۇ.ئالاھەزەل 20 مىنۇتلاردا يېڭى سىستېما قاچىلىنىپ تەييار بولىدۇ.ئارلىقتا كومپىيوتېر بىر ئىككى قېتىم ئاپتوماتىك قايتا قوزغىلىدۇ،بۇ نورمال ئەھۋال،ھىچقانداق تەمتىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.كونتىرول مەركىزى : iPadOS ئۇسلۇبىدىكى كۆرۈنمە يۈز لايىھەسىئۇقتۇرۇش مەركىزى يان سېيرىلما تېزىملىكDock تېزىملىك سىنبەلگىلەر : ئەسلىدىكى يۇمىلاق سىنبەلگىدىن يۇمىلاق بۇلۇڭلۇق چاسا شەكىلگە ئۆزگىرىپتۇ.Safari تور كۆرگۈچىسى راستىنلا تىزلەشكەندەك، Chrome تور كۆرگۈچىسىدىن قېلىشمىغۇدەك ھالەتكە كەلگەن چىراي. لىكىن مەن يەنىلا Chrome ئىشلىتىمەندە…
ئۇندىن باشقا Big Sur دا كومپىيوتېرنىڭ قىززىش،ئىچكى ساقلىغۇچ خورىتىش مەسىلىلىرى بەلگىلىك ئەلالاشتۇرۇلغاندەك.قالغان يېڭىلىقلار ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بايقىشىغا قالدى. يېڭى سىستېمىغا قىززىقىدىغانلار ياكى قاچىلاپ باققۇسى بارلار مەسىلە بولسا ئىنكاس رايونىدا ئورتاقلىشايلى ئەمسە.
ئەسلى مەنبە: LearnFans
تىزىملىتىپ كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ
تىزىملىتىش
ئۈچۈنجى تەرەپ ھىساباتى كىرىش