مەك دېتاللىرى تەۋسىيەلىرى – One SwitchMac ئابونتلىرى ئادەتتە كۆك چىشلىق تىڭشىغۇچنى ئۇلاش – ئۈزۈش، كومپىيوتېرنى دەخلىسىز ھالەت، كېچىلىك ھالەتكە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى نەچچە قەدەملەرنى باسقاندىن كىيىن سىستېما تەڭشىكىگە كىرىپ ئاندىن تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ. دائىملىق مەشخۇلاتلار ئۈچۈن نەچچە قەدەم «ئىچكىرلەپ» كىرىپ ئاندىن مەقسىتىگە يىتىش ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا كىشىنى ئاسانلا زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ.بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان One Switch دېتالى نەق مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. One Switch بولسا ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەم قولاي Mac ۋەزىپە بالدىقى قورالى. One Switch دېتالى macOS نىڭ 10 دىن ئارتۇق ”ۋىكليۇچاتېل“ نى ئۆزىگە جەم قىلغان بولۇپ، ئۇ بىر قېتىم چېكىش ئارقىلىق سىستېما تەڭشىكىنى ئالماشتۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.One Switch يالغۇز ”ۋىكليۇچاتېل“ بولۇپلا قالماستىن يەنە AirPods قا ئۇلاش، ئۈستەل يۈزىنى تازىلاش/يوشۇرۇش قاتارلىق بىر قانچە قوللىنىشچان ئىقتىدار تەمىنلىگەن.ئادەتتە Mac كومپىيوتېرنىڭ ئىكرانى كىرلىشىپ قالغاندا بىز ئىكراننى سۈرتۈپ تازىلاش ئۈچۈن ئىكراننى ئىكران قوغداش ھالىتىگە تەڭشەپ قويۇپ ياكى كومپىيوتېرنى ئۆچۈرۈپ تۇرۇپ ئاندىن سۈرتۈشكە توغرا كىلىدۇ. سۈرتۈش جەريانىدا ئىھتىياتسىزلىقتىن كۇنۇپكا تاختىسى بېسىلىپ كەتسە ئىكران يورۇۋىلىپ، يەنە قايتا ئىكران قوغداش ھالىتىگە تەڭشەپ … ئىشقىلىپ ئاۋارىچلىقOne Switch ئارقىلىق ئىكران تازىلاش ھالىتىنى قوزغاتقاندا قارا رەڭلىك ئىكران قوزغىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ كۇنۇپكا تاختىسى ۋە Touch Bar قۇلۇبلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز خاتىرجەم ئىكران تازىلاش مەشخۇلاتىنى قىلالايمىز. مائۇس ياكى سەزمە تاختا ئارقىلىق ئىكران تازىلاش ھالىتىدىن چېكىنىپ چىقالايمىز.خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا macOS ئۈستەل يۈزى ھەرخىل ھۆججەتلەرگە توشۇپ كىتىدۇ. ناۋادا ئۈستەل يۈزى ياكى خىزمەت رايونىنى رەسىمگە تۇتۇش ياكى ئىكراننى سېنغا ئىلىشقا توغرا كەلگەندە دەماللىققا يا ئۈستەل يۈزىنى يىغىشتۇرۇپ بولغىلى بولماسلىق يا ۋاقتىنچە يوشۇرۇپ تۇرغىلى بولماسلىقتەك ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالىمىز. One Switch نىڭ ئۈستەل يۈزى يوشۇرۇش ئىقتىدارى بىزنى دەل مۇشۇنداق ئوڭايسىزلىقلاردىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بىر كۇنۇپكا بىلەن ئۈستەل يۈزى سىن بەلگىلىرى، ھۆججەت قىسقۇچلارنى يوشۇرۇش/ئەسىلىگە كەلتۈرۈش مەشخۇلاتى قىلالايمىز. بولۇپمۇ دەرىسلىك ئىشلگۈچى ئۈچۈن ئىيتقاندا بۇ ئىقتىدار ھەقىيقەتەن كۈچ بېرىدىغان ئىقتىداردۇر.One Switch باش تىزىملىكتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ”ۋىكليۇچاتېل“ لارنى تەمىنلىگەندىن سىرت ئىشلەتكۈچىلەر يەنە ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن باش تىزىملىكتىكى ئىقتدار تاللاشلىرىنى خاسلاشتۇرالايدۇ. مەسىلەن ئىكران يورۇق ھالىتىنى ساقلاش، ئىكران قۇلۇبلاش، ئىكران قوغداشنى قوزغىتىش/تاقاش قاتارلىقلار. One Switch يەنە ھەرقايسى ”ۋىكليۇچاتېل“ لارنىڭ ئىشلتىلىش قېتىم سانىنى ئىستاستىكا قىلىپ سىزنىڭ قايسى ”ۋىكليۇچاتېل“ لارنى كۆپ ئىشلىتىدىغىنى ئانالىز قىلىپ بىرەلەيدۇ.One Switch نىڭ ئىقتىدارلىرى بۇلارلا ئەمەس، قالغان ئىقتىدارلار ھەۋەسكارلارنىڭ ئۆزىنىڭ بايقىشىغا قالدى. ئىشلىتىپ بىقىشنى ئويلىغانلار ئالما ئەپ بازىرى App Store ياكى بەيدۇ، بىڭلاردىن ھالقىلىق سۆز One Switch ئارقىلىق ئىزدەپ تىپىپ قاچىلاپ تەجىرىبە قىلىپ باققايسىلەر.ئاخىرىدا گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئىيتساق One Switch ھەقلىق دېتال. باھاسى 30 يۈەن. دېتالنىڭ ئىقتىدارى ياراپ قالسا ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.خالىساڭلار مەزكۇر يازىمىنى تارتۇقلاپ چەمبىرەكلەپ قويۇشۇڭلارنىمۇ قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئەسلى مەنبە: LearnFans
ھېچقانداق ئىنكاس يوق ئىكەن