«IT خەۋەرلىرى» 6ـ ئاينىڭ 9ـ كۈنىدىكى خەۋىرى چەت ئەل تاراتقۇسى «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 6ـ ئاينىڭ 9ـ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بىر تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، سابىق زۇڭتۇڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى Tiktok ۋە ئۈندىدارنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى شۇ كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەزگىلدە ئامېرىكا چېگراسى ئىچىدە Tiktok ۋە ئۈندىدارنى چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
ئۇنىڭ ئورنىغا سودا مىنىستىرلىرىغا چەت ئەل «رەقىبلىرى» بىلەن ئالاقىسى بار قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىلىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قوللىنىشچان پىروگراممىلار شۇ دۆلەتنىڭ سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.
«IT خەۋەرلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە» سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقارا رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سۈنىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە باشقا تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان.
2021-06-11 12:23:30
, ئەگەر مەزمۇن تۇلۇق ئەمەس ياكى رەسىم مەنبەلەر كۆرگىلى ياكى چۈشۈرۈش گىلى بولمىسا ئاستىدىكى ئۇلانمىسىنى بېسپ ئالاقىلىشىڭ
ئىنكاس يېزىش ياكى
Mr.Losfer
。
ھېچقانداق ئىنكاس يوق ئىكەن